ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ

CULTURE

10/25/20222 min read

ئۇيغۇر ھەرىكىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەشكىللەيدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىمىز، دېيىلدى.

Related Stories