ئەردوغاننىڭ ھىندىستاندىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى
Blog post description.


تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆپلىگەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولدى. ئەردوغان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ياپونىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بىرازىلىيە، كورېيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئەردوغان يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ماخاتما گەندىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى.