ئەردوغان بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

Blog post description.

7/13/20231 min read

تۈركىيە پرېزىدېنېتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مېخانىزمىدا دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋاقتى كەلدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جو بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.