ئەنقەرەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى
Blog post description.


ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى. ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىدىن سىكوت ۋوردىن، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىدىن بىراين ۋوگت، ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى لىبەيلى خانىم، تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇيغۇر كىملىكى، تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىپ، بىر نەچچە بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ داۋام قىلىدۇ.