ئەنگىلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
Blog post description.


ب ب س نىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، لوندوننىڭ بېيجىڭدىن كەلگەن «دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى» گە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈشتىكى «مەغلۇبىيىتى» سەۋەبىدىن، ئەنگىلىيە خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغان. دوكلاتتا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى «ئالاقىدار تەھدىتلەرنى تونۇپ يەتمىگەن» دەپ ئەيىبلەنگەن. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بولسا، خىتاي قارشى قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى «مۇتلەق تونۇپ يەتكەنلىكى» نى ئېيتقان.