ئەنگىلىيە: خىتاي مۇھىم ئورۇنلاردىكى پۇقرالىرىمىزنى ئوۋلىماقچى بولۇۋاتىدۇ

Blog post description.

9/18/20231 min read

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىلان قىلىنغان باياناتىدا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارغانسىرى مۇرەككەپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سىياسەت، مۇداپىئە ۋە سودا قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلاردىكى ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ باياناتىدا پارلامېنتنىڭ 7-ئايدىكى دوكلاتىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پروگراممىلىرى ئارقىلىق سەزگۈر بىلىم ۋە مۇھىم ئورۇنلاردىكى تەجرىبىسى بار ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئولجا ئالماقچى».