ئەنگىلىيە ۋاگنېرنى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ جاكارلاشقا تەييارلىق قىلماقتا
Blog post description.


ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇئېللا براۋېرمان روسىيە ياللانما ئەسكەر گوروھى ۋاگنېرنى «ئۇلار تېرورچىلاردۇر» دېدى. ئۇ روسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ۋاگنېر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، براۋېرمان ۋاگنېر گۇرۇپپىسىنى «روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ روسىيە سىرتىدىكى ھەربىي قورالى» دەپ تەسۋىرلىگەن.