ئىتالىيە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرىدىن ئايرىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

Blog post description.

9/12/20231 min read

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىگە قاتناشقان بىردىنبىر G7 دۆلىتى ئىتالىيە بۇ تۈردىن چېكىنىش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر مېلونى يىغىن جەريانىدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىدىن ئايرىلىش نىيىتىنى خىتايغا يەتكۈزگەن. خىتاي باش مىنىستىرى لى بولسا مېلونىنى بۇ قارارنى قايتا ئويلىنىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان.