ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا جەم بولدى
SPORT


قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا تەشكىللەپ كېلىۋاتقان مەزكۇر پائالىيەت قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇپ، 2000 غا يېقىن مېھمان ئىشتىراك قىلدى.