ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ياپونيەدىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا

Blog post description.

8/3/20231 min read

ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت 1-ئاۋغۇست ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى خىروفۇمى رىيۇ ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىككى دوست خەلقنىڭ ئورتاق ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرىلەشكەن. تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى 8-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ياپونىيەدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پىلانلانغان.