ئىستانبۇلدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 41 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى
Blog post description.


ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانى-LGS دا يۇقىرى نومۇر ئالغان 41 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى. بۇ يىل تۈركىيدە تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانىدا 488 نومۇر ئالغان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىككىسىگە بىردىن «ئالما» ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن HP ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېرى؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى ئوقۇغۇچىغا بىردىن «سامسۇڭ» تاختا كومپيۇتېرى مۇكاپات بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، ئىمتىھاندا 400 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغان 35 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە مىڭ لىرادىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.