ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى
Blog post description.


خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە، لاگېر ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەشكە قىستىماقتا. تۈرك ئوجاكلىرى تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك خىتاي مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە تۈرك مىللىتىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مەلۇم بولغىنىدەك، كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، توقۇمۇچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەر بۇ كىشىىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان. تۈرك ئوجاكلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك خىتاي مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئىلان قىلىپ، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.