ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كەنتلەر: ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاشلىۋېتىلگەن
Blog post description.


خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن، چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازلاپ كەتكەن، ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يېزا-قىشلاقلار بولسا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىدىن يىراق قالغان ئىدى. يېقىندا فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى رايوننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان يېزىلىرىدىكى تەسىراتى ھەققىدە سۆز قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ تۇتقۇندا غايىب بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ئىگە-چاقسىز قالغان ۋە قولۇپلانغان، بەزىلىرى بولسا چېقىلىش ئالىدا تۇرغان. يېزا-كەنتلەردىكى ئۇيغۇرلار مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ۋە رەسىمگە چۈشۈشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. خىتاي بولسا ھەر ۋاقت تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى شەرقىي تۈركسىتاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.