ئاردان زەنتۈرك: «شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى»

Blog post description.

9/9/20231 min read

تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئوبزورچى، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى ئۈرۈمچى زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر سىنلىق ئانالىز پروگراممىسى تارقاتقان بولۇپ، «شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى» دېگەن. ئۇ، بۇ ئانالىزىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، مەن كۈندىلىك سىياسەتنى دەپ داۋاملىق كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. تۈرك قان سىستېمىسىدىكى بىر خەلقنىڭ كىملىكى پەقەتلا تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسىلىگە ‹تۈركىيەنىڭ سودا جەھەتتە خىتايغا ئېھتىياجى بار، خىتايدىن پۇل كېلىدۇ ياكى بولمىسا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا، ئاندىن سۈرىيەدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ› دەپ قارىمايمەن. مەن، ‹ئەگەر خىتاي تۈركىيە بىلەن ياخشى ئۆتىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلىشى، تۈركىيەدىن مەنپەئەت ئالىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك› دەپ قارايمەن.»