ئامېرىكا تەيۋەننى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىمەكچى

Blog post description.

7/30/20231 min read

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى 330 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىكەن. تەيۋەنگە قىلماقچى بولغان قورال-ياراغ ياردىمىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 330 مىليون دوللار بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى قارار بۈگۈن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاقساراي بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەمىنلىگەن قورال سىستېمىسىنىڭ تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىنمايدىكەن.