ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىردى
Blog post description.


ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ خىتاينى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاينى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەت قارشى جىنايەتنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان مەزكۇر دوكلاتىدا، ئامېرىكا ۋە باشقا 49 دۆلەتنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.