ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن: بىز خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇنمايمىز
Blog post description.


ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ۋېيتنام كومپارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى پۇ تروڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەت سەۋىيىسىنى «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» گە كۆتۈرۈشكە قوشۇلدى. بايدىن ئۆزىنىڭ ۋېيتنام زىيارىتىدە خىتاي بىلەن «سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى» باشلىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنام ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇقىملىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.