ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى شى جىنپىڭدىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلدى

Blog gönderi açıklaması.

7/4/20231 min read

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىس سىمىس كوممۇنىست دىكتاتۇر شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئىلان قىلغان ئىدى. 2017-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان نۇرغۇنلىغان دوكلات ۋە ھۆججەتلەر، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى نىڭ بۇ جىنايەتلەرگە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.