ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى: بىز خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا

Blog post description.

7/30/20231 min read

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زومىگەرلىك ۋە كۆكەمىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس بىلەن كۆرۈشكەن. ئوستىن يىغىندىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئۆزىنى قوغدايدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغىچە ۋە غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكيانغىچە بولغان رايونلاردا خىتاينىڭ بېسىمى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ۋە خىتايغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.