ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلېن خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

Blog post description.

7/17/20231 min read

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتاي بىلەن نامرات دۆلەتلەرنىڭ قەرزنى قايتا تەشكىللەش قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 20 دۆلەت گوروھى مالىيە مىنىستىرى ۋە مەركەز بانكا باشلىقلىرىنىڭ ھىندىستاندا ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن يېللېن خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «تېخىمۇ مۇستەھكەم» زېمىن ھازىرلىشىغا پايدىلىق ئىكەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر ئىكەن.