ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتايدا
Blog post description.


ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق تونۇش تېپىش ۋەزىپىسى بىلەن بېيجىڭغا كەلدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان بىر پەيتتە، يېللىن ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. يېلېن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش، كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەر ھەققىدە بىۋاسىتە ئالاقە قىلىش ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.