ئامېرىكا خىتاينىڭ روسىيە ئارمىيىسىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
Blog post description.


ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە «مەخپىي ئەمەس» دەپ يېزىلغان بىر ھۆججەتتە، خىتاينىڭ روسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەربىي تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە روسىيەنىڭ غەربنىڭ جازاسىدىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى ئاشكارىلىغان. دوكلاتتا، «خىتايغا تەۋە مۇداپىئە شىركەتلىرى ئىمبارگوغا ئۇچرىغان رۇسىيە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مۇداپىئە شىركەتلىرىگە يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرى، سىگنال بۇزۇش تېخنىكىسى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان زاپچاسلىرىنى ئەۋەتكەن» دېيىلگەن.