ئامېرىكا خىتاي تەسىرىگە قارشى ۋېيتنام بىلەن يېقىنلىشىشنى خالايدۇ
Blog post description.


ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بۈگۈن ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ۋېيتنامدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدىكەن.