ئامېرىكا خىتاي تېخنىكىلىرىغا چەكلىمە قويىدۇ
Blog post description.


ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويماقچى ئىكەن. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ چەكلىمە سۈنئىي ئىدراك، كىۋانت ھېسابلاش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارار خىتاينىڭ تېخنىكا بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۇشۇرۇن تەسىرىگە بولغان ئەندىشىلەر كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. تېخنىكىنىڭ چوڭ كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.