ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىككى خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
Blog post description.


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى تۆگە گۇرۇھى ۋە تېتىتقۇ ۋە جەۋھەر ئىشلەپچىقارغۇچى چېڭگۇاڭ بىئوتېخنىكا گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جازا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا «ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان».