ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ خىتايغا قارشى كۈچىنى نامايان قىلدى
Blog post description.


خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەت بىلەن 21-ئىيۇلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدە ئىككى ھەپتىلىك دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان پوزىتسىيەسى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامايان قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ مانىۋېرنىڭ ئىسمى «Talisman Saber» بولۇپ، بۇ خىل خىتايغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش 2005-يىلى باشلانغان ۋە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.