ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ك ىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سودىلاشماسلىققا چاقىردى
Blog post description.


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە كۆرە ئىش قىلماسلىققا، يەنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويۇش بەدىلىگە بىرىكمە ئەپيۈن—فېنتانىل مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭماسلىققا چاقىردى. «فوكۇس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن يوڭ كىم، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى مايكول مەككاۋۇل، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر قاتارلىقلار بايدىن ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، «كوممۇنىست خىتاي ھازىر ئامېرىكالىقلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىپ، بۇنى كوزىر قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىگە بېرىلگەن جازادىن قۇتۇلماقچى» دېگەن ھەمدە بۇ ھەقتە بايدېن ھۆكۈمىتى قارشى كېلەلمەيدىغان بىر قانۇن تۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.