ئامېرىكا: ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت باشلىقلار يىغىنىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

Blog post description.

9/7/20231 min read

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا تەسىر كۆرسىتىش كۆرسەتمەسلىكىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سۇللىۋان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 9-ۋە 10-سېنتەبىر كۈنلىرى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ھەققىدە توختالدى. سۇللىۋان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا: «بۇ خىتايغا باغلىق. ئەگەر خىتاي خالىسا ئارىغا كىرىپ بۇزغۇنچىلىق رولى ئوينايدىغان تاللىشى بار». دېدى.