دوكلات: خىتاي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم قىلماقتا
Blog post description.


نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىش چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى جاسۇسلۇققا سېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى يىللاردىن بۇيان داۋاملشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ب ب س تورى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۆكتىچىلەرنى ئائىلىسى ئارقىلىق باستۇرۇش قىلمىشىنى يەنە بىر قېىتم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، دوكتور توبىن ئەنگىلىيەدە 48 ئۇيغۇرنى تەكشۈرگەن ياكى زىيارەت قىلغان. بۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقانلىقىنى ۋە جاسۇسلۇققا، تەشۋىقاتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ياكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن توختاشقا مەجبۇرلارنغانلىقىنى ئېيتقان.