دوكلات: چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تەھدىت ئاستىدا

Blog post description.

8/3/20231 min read

ئەنگىلىيە ب ب س تورىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئالتە-يەتتە يىلدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سىن ياكى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسى بىلەن، چەت ئەلدە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە مەجبۇرلىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 50 مىڭدەك ئۇيغۇر مۇساپىرى ياشايدىغان تۈركىيەدە، بۇ جەھەتتىكى راي سىناشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن 148 كىشىنىڭ 80 پىرسەنتى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، 400 دەك ئۇيغۇر ياشايدىغان ئەنگلىيەدە، راي سىناشقا قاتناشقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 3 دىن ئىككى قىسمىنىڭ بۇ خىل تەھدىت ئۇچرىغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلاردىن جاسۇسلۇق قىلىش، پائالىيەت قىلىش ياكى تاراتقۇلارغا سۆزلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.