دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيغۇر چاقىرىقى
Blog post description.


دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 12-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. دىنىي ئالىملار يىغىندا شەرقىي تۈركىستان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا مۇھىم چاقىرىق قىلدى. بۇ ئىتتىپاق شەرقىي تۈركىستان ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرى باشچىلىقىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتى، دىنىي ئىبادەت ۋە ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.