دەۋا سىپىدىكى سەرخىللارنىڭ ئ‍ۈچرىشىشى

Blog gönderi açıklaması.

1/1/20251 min read

دەۋا سىپىدىكى سەرخىللارنىڭ ئ‍ۈچرىشىشى

ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندى 26 يىلدىن كېيىن قەدىناسلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا قايتا ئۇچراشتى. 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۇنى ئۇيغۇر تەتتىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائي رەئىسى «ئامىركا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى» روشەن ئابباس يىتەكچىلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاي سۆھبىتىگە: شەرقىي تۇركىستان كۈلتۈر ۋە ئىمپىرماتسىيون مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندى ۋە خانىمى خەلچىگۇل ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

چاي سۆھبىتىدە ساھىپخان ئابلىكىم ئەپەندى ۋە روشەن خانىم ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ 50 يىللىق ۋەتەننىڭ ئازاتلىق يولىدىكى كۆرەشلىرىنى پەخر تۇيغۇسى بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆمۈر يولدىشى خەلچىگۇل خانىمگىمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالەتەن چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۇردى. چاي سۆھبىتىگە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىننى ئىشلار رەئىسى ئابدۇجىلىل تۇران، ر ف ئا نىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بۆلۇمىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ناسىر، د و ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۈرېشىت ئابلىمىت، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى، د و ق نىڭ سابىق سېكىلتارى (كانادادا تۇرۇشلۇق) تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، د و ق نىڭ مۇئاۋىن ئىجرائي رەئىسى ئەركىن زۇنۇن، ئامىركىدا تۇرۇشلۇق يازغۇچى تاھىر ھامۇت قاتارلىق 20 گە يېقىن مۇھىم شەخىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلىرىنى بىلدۇرۇپ، ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ كۆرەش ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئاخىرىدا ئاۋۇستىرالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام قارىم دۇئاغا قول كۆتۇرۇپ، 2024-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا، 2025-يىلىنىڭ باشلىنىشى بولغان بۇ خاسىيەتلىك سائەتلەردە كونا يىلنى قانداق ئۇزۇتۇش ۋە يېڭى يىلنى قانداق كۇتىۋىلىش ھەققىدە قىسقا دەرس قىلىپ ئۆتتى.