د ئۇ ق ۋەكىللەر يىغىنىدا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ناملىق دوكلات تونۇشتۇرۇلدى
Blog post description.


5-ئاۋغۇستتا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا ۋەكىللەرگە «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ئىشلىتىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم دوكلات توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭمۇ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىلىق ماتېرىيال توپلاپ يېزىپ چىقىلدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتنى بىز تەكلىپ قىلغان مۇستەقىل بىر تەتقىقاتچىمىز يېزىپ چىقتى».