بېرلىندىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
CULTURE


ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. بۇ مۇراسىمغا گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى سىياسەتچىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندىكى ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان.