بېنگالدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ چاقىرىقى: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن
Blog post description.


«ئاسىيا دەۋرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېنگالدىكى بىر تۈركۈم ئىسلام ئۆلىمالىرى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش» دەپ تەسۋىرلىگەن ئالىملار 14-ئىيۇل كوكس بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە مۇنازىرە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا قاتتىق نارازلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار سۆزلىرىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەردە ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.