بايدىن ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى
Blog post description.


ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىدى. 9-ئاۋغۇست كۈنى، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇقتىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكالىقلارنى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى سۈنئىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىشتىن چەكلەيدىكەن ۋە بۇنداق سودىلارنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.