بارىن قۇراللىق جىھادىي ھەرىكەتنىڭ ئالدى كەينىدە
Blog gönderi açıklaması.


بارىن قۇراللىق جىھادىي ھەرىكەتنىڭ ئالدى كەينىدە
1990-يىلى 4- ئاينىڭ 5-كۇنى بارىن يېزىسىدا 500 مۇجاھىد 22454 ئەسكەر بىلەن 5 كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلغان. 19 مىڭ نوپۇسى بولغان بارىن خەلقىنى 22454 خىتاي ئەسكەر مۇھاسىرگە ئالغان، يەنى بارىندا بىر كىشىگە بىردىن ئارتۇق قۇراللىق ئەسكەر توغرا كەلگەن.
شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قىسقىچە تارىخى
شەرقىي تۈركسىتان قەدىمدىن باشلاپلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى. تارىخقا قارايدىغان بولساق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋە ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خەلق. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ جار سېلىپ كەلدى. ئەمما تارىخقا قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئىمپىراتۇرلۇق قۇرۇلغان. مىسال ئالدىغان بولساق، ھون ئىمپىراتۇلۇقى، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى 646 – 840 – يىللار، قاراخانىيلار دۆلىتى (840 – 1212) ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى( 1514 –1679). بەدەۋلەت ياقۇب بەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى ( 1860 – 1875 ). شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1933 – 1934 ). شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ( 1944 – 1949 ) قاتارلىق ناملاردا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان. ئۇ تۇپراقلاردا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز مۇستەقىل ھۆر ياشاپ كەلگەن. تارىختا قۇرۇلغان بۇ دۆلەتلەر خىتاي ۋە رۇس ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننى ئۇزىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان بولسىمۇ بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنىڭ تارىخى ئىسپاتلىرى مەۋجۇت. مىسال ئالىدىغان بولساق بۇ زېمندا يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرۇلغان. ئىككىنجى مىسال بولسا خىتاينىڭ ئەسلى چىگىراسى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچكى قىسمى خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ، سەددىچىننىڭ سىرتى خىتايغا تەۋە ئەمەس. ئۈچۈنجى ئىسپات بولسا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئەڭ ئاخىرىدا 1884 – يىلى ئىشغال قىلىۋالغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى يېڭىدىن قولغا كەلگەن تۇپراق دېگەن مەنىدىكى شىنجاڭغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئىسپات بولىدۇ. بۇنى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ ئەمما زۇمىگەرلىك ۋە ھىلىيگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننى بىزنىڭ زېمىن دەپ جار سېلىپ كەلدى.
1884 – يىلىدىكى ئىشغالىيەتتىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھېچ قاچان ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. بەزى مەنبەلەردە دېيىلىشىچە شەرقىي تۈركسىتاندا ھازىرغىچە ئازادلىق ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق چوڭ قۇراللىق كۈرەش بولغان.
بەزى مەنبەرلەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949 – يىلدىن 2009 – يىلغىچە بولغان 60 يىل جەرىيانىدا 420 قېتىم چوڭ ھەرىكەت بولغانلىقى يېزىلغان.
بۈگۈن بىز خاتىرلەپ مۇراسىم قىلىۋاتقان بارىن جىھادى ھەرىكەتمۇ ئاشۇ مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قۇماندان زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا، ۋەتەننى ئىشغال ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك قۇراللىق ھەرىكەت قىلدى.
زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا بارىن يېزىسىدا 200 دىن ئارتۇق ياشلار جەم بولۇپ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى نامدا تەشكىلات قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ غايە مەقسەتلىرىنى بەلىگىلەپ قارار ئالغاندىن كېيىن قۇراللىق جىھاد قىلىدىغانلىقىنى، ۋەتەننى ئازاد قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەريانى
1990 – يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 قېتىم «پارتىيە يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ بېشىدا «ساي مەسجىد» تە 2 – قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ ئۆيىدە 3 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قورال- ياراق، ئوق دورا تەييارلاش مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك……» دەپ بەلگىلىگەن. 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى «ساي مەسجىد» تە 4 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق ھەرىكەتنىڭ كۈنكرېت تەشكىلى ئاپاراتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان.
زەيدىن يۈسۈپ (يەنە بىر ئىسمى زەيدىن قارى) شۇ چاغدا 26 ياش. بارىن جىھادى ھەرىكەتنىڭ باش قۇماندانى، ئۇ 1989 – يىلدىن باشلاپ بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى نامدا تەشكىلات قۇرۇپ، كۆپ ساندا ياشلارنى ئۇ تەشكىلاتقا ئەزالىققا ئالغان. قۇرال – ياراق توپلاپ مۇجاھىدلارنى ھەربىي مەشىقلەندۈرگەن.
ئابدۇغېنى تۇرسۇن، جىھادى ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە مالىيە مەسئۇلى.
جامال مەمەت قوراللىق ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
ئىسساق ھوشۇر قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۇچۇر – ئالاقە مەسئۇلى.
مەمەت تۇردى قاتناش قوماندانى.
ئەخەت تىلىۋالدى، مۇجاھىدلارنىڭ 1 - توپىنىڭ قوماندانى.
تۇرغۇن ئىسساق 2 – توپىنىڭ قوماندانى بولغان.
تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ھەرىكەت مىخانىزىمى سىزىلىپ ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان ۋە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىغان.
1990 – يىلى4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 500 دىن ئارتۇق مۇجاھىد ياشلار مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ قوماندانلىقىدا ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا قۇراللىق جىھادى ھەرىكەت قىلدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ھەر خىل شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلەر داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ ھەرىكەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھۆر مۇستەقىل ياشاش ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتايغا ۋە دۇنياغا كۆرسەتتى.
ئالدى بىلەن بارىن جىھادى ھەرىكىتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدا توختىلىشىتىن ئىلگىرى بارىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركسىتاننى بېسىۋالغان 1949 – يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىنى، تىلى مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاسىملاتىسىيە قىلىشقا باشلىدى، مىللىي يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلدى. گۇمانداڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاپ بولۇپ چىقىپ كېتىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئالدامچى خىتايلار، ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزنى ئالداپ ، ھېچ قانداق قۇرال كۈچىگە تايانماستىنلا ھىيلىگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى. ئەگەر ئۇ دەۋردە قۇرال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇ دەۋردە شەرقىىي تۈركسىتاننىڭ پۈتۈن بىر قۇراللىق مىللىي ئارمىيىسى بار ئىدى.
باي دىخان، پومشۇك دېگەن نام ئاسىتىدا كىشىلەرنىڭ مالۆي – ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. كوممۇننا دېگەن نام ئاستىدا ئىنسانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئارام بەرمىدى، دىنى ئالىملىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز تۈرمىگە قامىدى