بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قازاقىستاندا خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان
Blog gönderi açıklaması.


بىر نەچچە ئاي بۇرۇن قازاقىستاندا خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلغان نامايىشچىلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش چاقىرىقلىرى داۋاملاشماقتا.
بۇلتۇر 11-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بىر تۈركۈم پۇقرالار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغانىدى ۋە كېيىن 19 كىشى «پىلانلىق ھالدا تاراتقۇلار ئارقىلىق مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش...» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.
ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلار مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى چىقىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان بىر قازاقىستان پۇقراسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.
مەزكۇر نامايىش ۋە نامايىشچىلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرى، نامايىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغانىدى.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشتىن كېيىن خىتاي دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قازاقىستانغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بېسىم چۈشۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانۇنىي ئادالەتنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى ياكى خىتاينىڭ تەسىر كۈچىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
نۆۋەتتە ئۇلارنى دەرھال قويۇۋېتىش سادالىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، جازا لاگېرى شاھىتى، پائالىيەتچى بەختئەلى نۇر سىنلىق چاقىرىق قىلىپ، خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقارغان نامايىشچىلارنىڭ خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكىنىڭ بۇ خىل جازالارغا لايىق ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتايغا قارشى نامايىشلار، چاقىرىقلار ئارقىمۇ ئارقا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
