بىر ئايدىن بۇيان غايىب بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

Blog post description.

7/27/20231 min read

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىر ئايغا يېقىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، مەنسەپتىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ھوقۇقىنى خىتاينىڭ باش دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىرلىق، غەلىتە ۋە يەڭ ئىچىدە ھوقۇق سودىسى قىلىدىغان ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئۆتكەن يىل 12-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان چىن گاڭ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يوقاپ كەتكەن، بىر قانچە مۇھىم خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشمىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولۇپ كەلگەنىدى.