ۋاشىنگتوندا نۇرى تۈركەل ئۈچۈن شەرەپ كەچلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
Blog post description.


20-ئىيۇل كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باش ساھىبخانىلىقىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەلگە بېغىشلانغان «شەرەپ كەچلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا شەرەپ مېھمانلىرى سۈپىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى، مەشھۇر سىياسىي ئەرباب نەنسىي پېلوسى خانىم، سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ۋە باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى ھەم سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. شۇ جۈملىدىن يەنە كانادا پارلامېنتىنىڭ سامىر زۇبەرى باشلىق بىر قانچە نەپەر ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇليىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى، ھەمدە ۋاشنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرجامائەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.