«ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى

Blog post description.

9/11/20231 min read

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 باشلىقلار يىغىنىدا، ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپانى بىر-بىرىگە باغلايدىغان «ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى. بۇ قۇرۇلۇش، خىتاينىڭ تارىخىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش نامى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى بىر تەشەببۇس دەپ قارالدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، G20 باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇل ئەسلىھە ۋە مەبلەغ شېرىكلىرى ئۇچرىشىشىدا، ھىندىستاننى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول ۋە دېڭىز تۈرى بولغان «ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى »تونۇشتۇرۇلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.