ۋاڭ يى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەن
Blog post description.


خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىىرى ۋاڭ يى جاكارتادا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشكەن. ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈپتىن پايدا-زىيان توقۇنۇشى يوقلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى شۇنداقلا خەلقئارا تۈزۈمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلىش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.